| [00:02.55] |
سوۋغاتلىق كەتمەن |
| [00:04.78] |
AThree - Arslan |
| [00:07.60] |
تېكىسىت كىرىشتۈرگۈچى:گۈلگىنە ئابدۇللا |
| [00:10.56] |
ئۇ ئېسىنى بىلسە دادىسىنىڭ قولىدىن كەتمەن چۈشمەيتى |
| [00:13.58] |
ئۇ ئىتىز بويىدا ئوينايتى دادىسى ئىتىزدا ئىشلەيتى |
| [00:16.32] |
مەھەللىسدىكى لاي ئېتىپ ئوينايدىغان باللارغا ئۇ ئوخشىمايتى |
| [00:18.81] |
رادىئو ئۈنئالغۇلارنى بۇزۇپ قۇراشتۇرۇپ توختىمايتى |
| [00:21.44] |
ئۆيدە بىر كۈن توك توختىغان توك سىمىنى ئۈزىۋەتكىنىگە |
| [00:24.30] |
دادىسىدىن ھارغىچە تاياق يىگەنتى تېلىۋىزورنى بۇزىۋەتكىنىگە |
| [00:26.87] |
ئۇ ئاستا ئاستا چوڭ بولدى كىتاب كۆرۈشكە ئامراق بولدى |
| [00:29.61] |
شۇنىڭدىن تارتىپ دادىسىنىڭ ئۇنى ئۇرىدىغان كالتىكى تومىراق بولدى |
| [00:32.51] |
خىيالىدا نۇرى بولۇپ سەبىھەنى قۇتقۇزاتتى |
| [00:34.95] |
دادىسى شۇ چاغدا بېشىغا ئۇرۇپ قولىغا كەتمەن تۇتقۇزاتتى |
| [00:37.63] |
ئۇ ئويلايتى، ئەتراپىمىزدا تۆمۈر خەلپىلەر جىق دەيتى |
| [00:40.40] |
ئاپىسى چايخانىدا ۋاقىرايتى تېز ئېتىزغا چىق دەيتى |
| [00:42.99] |
كىتابنى ھەر يەرگە ئېلىپ كىرەتتى ھەتتا ئات ئېشەك ئېغىلىغا |
| [00:45.64] |
ئوقىشى مەكتەپتە بىرىنجى ئىدى ھېچكىم بېرىپ باقمىغان ئاتا ئانىلار يىغىنىغا |
| [00:48.36] |
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ساقلىدى ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىشىنى |
| [00:51.14] |
كىم ئويلىغان بىرىنجى چاقىرىقىنىڭ ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ئەلەم بېرىشىنى |
| [00:53.92] |
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت |
| [00:56.69] |
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن |
| [00:59.34] |
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى |
| [01:01.98] |
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى |
| [01:04.61] |
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت |
| [01:07.21] |
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن |
| [01:10.16] |
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى |
| [01:12.83] |
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى |
| [01:15.65] |
چاقىرىقتىكى مەكتەپ ئىسمىدىن 6000 يۈئەن دېگەن خەت چوڭراقتى |
| [01:18.25] |
ئۇلارنىڭ بارلىق مۈلىكى تۆت مو ئېتىز ئالتە تال ئوغلاقتى |
| [01:20.94] |
بۇ ئائىلىنىڭ دەردىگە قاراپ باشقىلار ئاچچىق كۈلىدۇ |
| [01:23.56] |
بالىنىڭ ئوقۇغۇسى بار بۇنى ئۆيدىكىللىرى ئوبدان بىلىدۇ |
| [01:26.22] |
" بالام " دېدى دادىسى "تۆت يىلغا ئۆينى ساتىدىغان گەپ |
| [01:28.92] |
ئۇ يەتمىسە قوينى ئاندىن قاننى قاتىدىغان گەپ |
| [01:31.67] |
ئوقىمىغىن، ساڭا شەھەردىن ياخشى ئىش تېپىپ بېرىمە |
| [01:34.29] |
رايىڭ بولسىلا يىل ئاخىرىدا ساڭا خوتۇنمۇ ئېلىپ بېرىمە " |
| [01:37.04] |
ئۇنىڭ كۆڭلىدە كۈرمىڭ سۆز بار ئەمما بىرنىمۇ دېيەلمەيتى |
| [01:39.71] |
ئادەم يوق يەردە قاتتىق ۋارقىراپ ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيتى |
| [01:42.42] |
ۋاقىت توشتى، باشقىلار ئوقۇش يولىغا چىقتى |
| [01:45.09] |
ئوڭۇشلۇق ھالدا كەتمەن يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىغا چىقتى |
| [01:47.96] |
مىللىتىمىز زىيالىلىرىغا بەك كۆپ سۇغۇق سۇ سەپتى |
| [01:50.67] |
بىزدىكى نىيوتون ئېينىشتىيىنلار دېھقانغا ئايلىنىپ كەتتى |
| [01:53.31] |
شۇ ھالىمىزغا ئۇيغۇرنى ئىلغار دېسەك قاملىشامدۇ؟ |
| [01:56.01] |
كەتمەن ئۇدۇم بولاۋېرەمدۇ؟ ئورنىغا كىتاب ئالمىشامدۇ؟ |
| [01:58.78] |
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت |
| [02:01.50] |
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن ھېكايىنى مەن |
| [02:04.12] |
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى |
| [02:06.90] |
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى |
| [02:09.57] |
ئوقىمىغان، ئادەم كۆپ چىققان قايسى مىللەت |
| [02:12.18] |
يوقىمىغان بۇ دۇنيادىن، ھېكايىنى مەن |
| [02:15.02] |
توقىمىغان، ھەم كۆرگەن شۇ دەرىتمەننى |
| [02:17.66] |
قاچانغىچە ئەۋلادقا سوۋغات قىلىسەن كەتمەننى |
| [02:23.42] |
|