|
作词 : Ozlaxturulgan |
|
作曲 : Ozlaxturulgan |
|
ئەي گۈزەلىم قىزىل گۈلدەك ياشلىقىڭدىن ئۆرگىلەي، |
|
قارلىغاچنىڭ قانىتىدەك قاشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. |
|
قاراپ قالسام زوقلىنىمەن ئاشۇ گۈزەل ھۆسنۈڭدىن، |
|
بەلگە يەتكەن قارا سۇمبۇل ساچلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. |
|
ماڭا قىلغان تاتلىق ئىللىق سۆزلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. |
|
يىپەك كەبى تىتىرەپ تۇرغان لاۋلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. |
|
ساڭا دىگەن سۆيگۈم مىنىڭ ئوت يالقۇندەك يانماقتا، |
|
ماڭا ئوخشاش بىر يىگىتكە كۆيگىنىڭدىن ئۆرگىلەي. |
|
تال چىۋىقتەك نازۇك ئىنچىك بەللىرىڭدىن ئۆرگىلەي |
|
ئاق بۇلۇتتەك ئاپپاق يۇمشاق تەنلىرىڭدىن ئۆرگىلەي |
|
قۇچۇغۇمغا ئىلىپ سىنى ئەركىلەتسەم ئەرزىيدۇ، |
|
بارچە دىلنى مەپتۇن قىلغان جامالىڭدىن ئۆرگىلەي. |
|
ئۆرگىلەي چۆرگىلەي |
|
لەۋلىرىڭدىن ئۆرگىلەي |
|
قۇياش كەبى نۇر چاقنىغان كۆزلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. |