|
作词 : Rana-Mijit |
|
作曲 : Rana-Mijit |
|
بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . |
|
لايىقىدا تىكىنىڭ بولسۇن . |
|
بىۋاپالار ئۇزاتسا گەر قول . |
|
تىكەنلىرىڭ سانجىلىپ ئۆلسۇن . |
|
بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . |
|
گۈللەرگە خاس پۇرىقىڭ بولسۇن . |
|
خوش پەزىلىتىڭدىن تارىغان پۇراق . |
|
ھېيت لىغاندا دىماقتا قالسۇن . |
|
بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . |
|
چىن مۇھەببەت يىلتىزىڭ بولسۇن . |
|
ساڭا دەرمان بېرەلەيدۇ كىم . |
|
ۋاپايىڭ كىم ئېسىڭدە بولسۇن. |
|
بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . |
|
تاڭدا مەيىن سابايىڭ بولسۇن . |
|
گۈل بەرگىنى سۆيگەندە سابا . |
|
ئۇنداق بەخت قۇياشىڭ كۈلسۇن . |