| [00:00.000] |
作曲 : HAKAN |
| [00:01.000] |
作词 : HAKAN |
| [00:39.506] |
دادا دادا دادا |
| [00:43.428] |
ئاسمىنىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى |
| [00:47.435] |
دادا دادا دادا |
| [00:51.175] |
كېچىلەردە يولنىڭ چىرىقى |
| [00:55.090] |
دادا دادا دادا |
| [00:58.815] |
ئائىلەمنىڭ مەزمۇت چىرىقى |
| [01:02.542] |
دادا دادا دادا |
| [01:06.541] |
بۈگۈن ئوغلۇڭ سېغىندى سېنى |
| [01:10.421] |
بۈگۈن مەن ئېيتاي ئېيتقىلى قوي مىنى دادامغا گېپىم بار تۆت ئېغىز |
| [01:14.417] |
دادام مېنى كىچكىمدىن ئالداپ كەپتۇ دادامغا تۆت ئېغىز تۆت ئېغىز |
| [01:18.226] |
دادامغا يازىمەن بۈگۈن دىس مەن تۆت ئېغىز تۆت ئېغىز |
| [01:22.150] |
بولدى بۈگۈن بولىۋالاي ۋاپاسىز شۇنىلا دىيەلايمەن تۆت ئېغىز |
| [01:25.938] |
ئاڭلىشىمچە دادا مەن تۇغۇلغاندا بېشىڭدىن ئېگىز كۆتۈرۈپتىكەنسىە |
| [01:29.900] |
ئاخىرى ئوغلۇم تۇغۇلدى دەپ پىشانەمگە نەچچىنى سۆيۈپتىكەنسە |
| [01:33.649] |
ھاياجاندا قوشقاردىن ئىككىنى سويۇپ ماڭا ئىسىم قويۇپتىكەنسە |
| [01:37.510] |
زەخمە يەتمىسۇن ئوغلۇمغا دەپ كېچە كۈندۈز ئەتراپىمدا پەرۋانىكەنسە |
| [01:41.490] |
تېلىۋىزوردىكى ئاتنى كۆرسەتسەم شۇئان تۇلپىرىمغا ئايلىناتتىڭ |
| [01:45.120] |
ئۈستۈڭگە مىنىۋىلىپ نىمانچە ئاستا ماڭىسەن دەپ زارلىناتتىم |
| [01:48.945] |
سورۇغۇم كېلەمدۇ ياكى ئىچم ئاغرىمدۇ ھاردىڭمۇ دەپ سورايتىم |
| [01:52.685] |
بوينۇڭنى بۇراپ كەينىڭگە قاراپ ياق بالام مەن ھارمايمەن دەيتىڭ |
| [01:56.740] |
يەتىنجى ئاينىڭ تومۇز ئىسسىقىدا يەلكەڭگە سەن مىنى مىندۈرۈپ |
| [02:00.300] |
يوللاردا باغچىدا سەيلە قىلغاچ دادا توختىماي سەن مىنى كۈلدۈرۈپ |
| [02:04.143] |
تامچە-تامچە تەر گەجگەڭدىن ئېقىشقا باشلىدى سۇ بولۇپ |
| [02:08.140] |
دادا ھاردىڭمۇ دەپ سورىدىم سەندىن ياق دىدىڭ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ |
| [02:12.060] |
ئانى ئېلىپبەر دادا مانى ئېلىپبەر دادا مەن بازاردا بەك جىدەلخورتىم |
| [02:15.500] |
ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر قېتىم ئاغرىپ قالدىم ئۇكۇل ئۇرماقچى بولدى دوختۇر |
| [02:19.510] |
ئۇنىمىدىم لىكىن ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىمەن دەپ مىنى بەزلىدىڭ |
| [02:23.360] |
ئۇكۇلمۇ تۈگىدى خىيالغا پاتتىڭ ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىپ سەن پۇل خەجلىدىڭ |
| [02:27.400] |
يانچۇقىڭنى ئاستا ئۆرۈپ باقتىڭ پورتمالىڭغا قايتا قاراپ باقتىڭ |
| [02:31.100] |
يېرىلغان قولۇڭدا قولىمنى تۇتتۇڭ مىنى يىتىلەپ ئاستا ئۆيگە قايتتىڭ |
| [02:35.100] |
يولدا قايىتقاش سەندىن سورىدىم دادا ئەمدى بىزدە پۇل تۈگىدىما |
| [02:38.800] |
جاۋاپ بەردىڭ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ بانكىدا بار بالام غەم قىمما |
| [02:42.890] |
دادا دادا دادا |
| [02:46.253] |
ئاسمىنىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى |
| [02:50.000] |
دادا دادا دادا |
| [02:53.920] |
كېچىلەردە يولنىڭ چىرىقى |
| [02:57.990] |
دادا دادا دادا |
| [03:01.500] |
ئائىلەمنىڭ مەزمۇت چىرىقى |
| [03:05.380] |
دادا دادا دادا |
| [03:09.510] |
بۈگۈن ئوغلۇڭ سېغىندى سېنى |
| [03:13.050] |
ئىككىمىڭبەش يېشىم ئونسەككىسدە مەن ماڭغاندا ئالىي مەكتەپتە |
| [03:17.040] |
چامدىنىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا ماڭغاچ پات-پات قارايتىڭ قولۇڭدىكى بىلەتكە |
| [03:21.050] |
ئاپتوبوسقا چىقىپ قارىدىم پەسكە كەپ بوپسەن ئەينەك تەرەپكە |
| [03:24.860] |
ئاپتوبوس قوزغالدى خوش دىدىم سەن يىغلاپ كەتتىڭ يالغۇز بىكەتتە |
| [03:28.800] |
مەكتەپتە تۇيۇقسىز تېلفون كەلدى ئالدىم كەيىپتە |
| [03:32.610] |
ۋەي بالام ياخشى تۇرۋاتامدىغانسە ؟ ۋاقتىدا تاماق يەۋاتامدىغانسە“ |
| [03:36.600] |
دەرىسلەنىچۇ بالام بىلىۋاتامدىغانسە ؟ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتامدىغانسە“ |
| [03:40.454] |
بىز سېنى بەك سېغىندۇق بالام سەن بىزنى قانچە سېغىنغانسە“ |
| [03:44.000] |
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتاتتىم تۇيۇقسىز سائىتىمگە قاراپ باقتىم |
| [03:48.000] |
ئاپلا بولۇپ قاپتۇ مىنىڭ بىرسى بىلەن ئۇچىرىشىدىغان ۋاقتىم |
| [03:51.550] |
يالغان گەپ قىلدىم دادا دەرىسىم بار تېلفوننى قوييىۋەتتىم |
| [03:55.700] |
تېلفونۇمنى تاقىۋەتتىم چۈنكى دادام قايتا تېلفون قىلاتتى مەن بىلەتتىم |
| [03:59.500] |
يىللار ئۆتۈپ دېپلومىمنىمۇ ئالدىم ئالىي مەكتەپنى شۇنداق پۈتتۈرۋەتتىم |
| [04:03.410] |
قايتىپ كەلدىم ئاق بېسىپتۇ چېچىڭنى مىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىڭ |
| [04:07.200] |
سورىدىم دادا يىغلاۋاتامسەن نىمۇ چۈنكى بۇنى مەن ھېسقىلىپ يەتتىم |
| [04:11.040] |
ياق بالام يىغلىمىدىم دىدىڭ لىكىن يىشىڭنى يۇشۇرالماي تىپىرلاپ كەتتىڭ |
| [04:14.910] |
شۇ تەرىقىدە تۆت يىل مەن خىزمەت يوق بىكا يۈرۈپ كەتتىم |
| [04:18.740] |
ئۇقمىدىم يا قاشتىمۇ تەلەي بۇنىڭغىمۇ مەن كۆنۈپ كەتتىم |
| [04:22.400] |
ھېچكىم قالمىدى ئەتراپىمدا مىنىڭ پەقەتلا كەينىمدە دادام يېنىمدا |
| [04:26.450] |
ئەمدى بىلدىم ھەقىقى دوسكەن دادا يۈزىدە قوروقلىرى بار |
| [04:30.270] |
بۇ يىل يىشىم ئوتتۇزبىردە دادا ماڭا پۈتۈن ياشلىقىڭنى ئاتاپسەن مەرتلەرچە |
| [04:34.000] |
ئويلىغان يەرىڭدىن چىقالماپتىمەن دادا كەچۈر مەن بەك ئەخمەقكەنمەن |
| [04:37.800] |
ماشىنا ئادەم ئەمەس سەنمۇ ئاغرىيدىكەنسى ، ماشىنا ئادەم ئەمەس سەنمۇ ھارىدىكەنسە |
| [04:41.850] |
دادا بولدۇم ئەمدى چۈشەندىم قەلبىڭنى دادا مىنى بۇرۇنقىدەك ئالدىيالمايسەن |
| [04:45.630] |
دادا دادا دادا |
| [04:49.220] |
ئاسمىنىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى |
| [04:53.070] |
دادا دادا دادا |
| [04:56.863] |
كېچىلەردە يولنىڭ چىرىقى |
| [05:00.500] |
دادا دادا دادا |
| [05:04.490] |
ئائىلەمنىڭ مەزمۇت چىرىقى |
| [05:08.233] |
دادا دادا دادا |
| [05:12.210] |
بۈگۈن ئوغلۇڭ سېغىندى سېنى |
| [05:20.000] |
خاقان |